مىنسىتىر گۈلەر ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قاراباغدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋغا تېلېفون قىلىپ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قاراباغدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

2040493
مىنسىتىر گۈلەر ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قاراباغدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرنىڭ ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋغا تېلېفون قىلىىپ، قاراباغدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىلىك تاماملانغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ ئەزەربەيجان بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر گۈلەر زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلەرگە تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىگەن.

ئىككى مىنىستىر باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر