ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرىگە كىتاب تەقدىم قىلدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا دۇنيا رەھبەرلىرىگە كىتاب تەقدىم قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا، دۇنيا رەھبەرلىرىگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئوخشاش تېرروتېرىيەلەردە ئوخشىمىغان ئېتىقاد مەپكۇرىلىرى بىلەن تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش ۋە ئورتاق چۈشىنىش ھاسىل قىلىش»، ھەمدە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھاتى» ناملىق كىتابلىرىنى تەقدىم قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرىگە تۈركىيەدە ئوخشىمىغان دىن ۋە مەزھەپلەرگە قارىتا يېقىنقى 21 يىلدا دېموكراتىيەلىشىش يولىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، كەڭ دائىرىلىك ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى ۋە قانۇن-نىزاملارنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئوخشاش تېرروتېرىيەلەردە ئوخشىمىغان ئېتىقاد مەپكۇرىلىرى بىلەن تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش ۋە ئورتاق چۈشىنىش ھاسىل قىلىش»، ھەمدە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھاتى – خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۇسۇلى» ناملىق كىتابلىرىنى ھەدىيە قىلغان.
ئۆتكەن يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى ئۈچۈن تەييارلانغان ۋە تۈركىيەنىڭ ب د ت ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھاتى – خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۇسۇلى» ناملىق كىتاب، «ب د ت نى نېمە ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىش كېرەك؟»، «خەلقئارالىق تىنچلىق جەھەتتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەھمىيىتى، تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋە ئىنسانىيە دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر»، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تەۋسىيەلىرى» دىن ئىبارەت 3 قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ يىلقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن تەييارلىغان ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەن «ئوخشاش تېرروتېرىيەلەردە ئوخشىمىغان ئېتىقاد مەپكۇرىلىرى بىلەن تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش ۋە ئورتاق چۈشىنىش ھاسىل قىلىش» ناملىق كىتاب «ئوخشىمىغان تىللار ۋە شېۋىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى يوقىتىش»، ھەرقايسى جامائەتلەرنىڭ فوندى جەمئىيەتلىرىنىڭ مال-مۈلۈككە ئېرىشىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش»، «مائارىپ سىستېمىسىنى دېموكراتىك ۋە كۆپ مەنبەلىك سىستېمىغا ئايلاندۇرۇش»، «ئوخشىمىغان دىن ۋە مەزھەپ گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش»، ئوخشىمىغان دىن ۋە مەزھەپ گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەركىنلىك دائىرىسىنى كېڭەيتىش» تېمىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.
كىتابتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوخشىمىغان دىن ۋە مەزھەپ گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تارىخىي ئۇچرىشىشلىرى ھەم بۇ ساھەدە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە تەييارلانغان بۇ كىتابتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ھەر ساھەدە تاشلانغان دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدەملىرىدىن تىلى، دىنى ۋە ئىرقى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنىڭ تولۇق بەھرىمەن بولغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: «تۈركىيە تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ ئوخشىمىغان دىن ۋە مەزھەپ گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئوخشاش ئاسمان گۈمبىزى ئاستىدا تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش تىرىشچانلىقى توغرىسىدا ھەر ساھەدە داۋاملىق كونكرېت ۋە ئۇزاق مەزگىللىك قەدەملەرنى تاشلىماقتا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.»