ي پ گ ئەزاسى تېررورچى بىر تەرەپ قىلدى
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئاتالمىش مۈنبىچ رايونلۇق مەسئۇلى ئۇمان دەرۋىشنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى 1998-يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغان تېررورچى ئۇمان دەرۋىشنىڭ تۈركىيەدىكى چوڭ شەھەرلەردە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئاتالمىش ئەترەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، سۈرىيەدىن تۈركىيەگە تېررورلۇق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. شۇنداقلا فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش توغرىلىق يوليۇرۇق چۈشۈرگەن تېررورچى دەۋرىشنى تەقىب ئاستىغا ئالغان.
ئىز قوغلاش نەتىجىسىدە سۈرىيەنىڭ مۈنبىچ رايونىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان تېررورچى دەرۋىش تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا قوغدىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان.