ئامېرىكادا 15 – نۆۋەتلىك تۈرك بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
ئامېرىكانىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا 15 – نۆۋەتلىك تۈرك بايرىمى ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلەش فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.



تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈرك بايرىمى پائالىيىتى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى، تۈركىيە-ئامېرىكا دۆلەتلىك رەھبەرلىك كومىتېتى تەرىپىدىن كلېفتون خاتىرە باغچىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
بۇ يىل 15- نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك بايرىمى پائالىيىتى دائىرىسىدە، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلەش فېستىۋالىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە كۆرگەزمە مۇنبەرلىرى ئېچىلدى، قاتناشقۇچىلارغا تۈركچە تاماق تەقدىم قىلىندى، تۈرك مۇزىكىسى قويۇپ بېرىلدى.
فېستىۋالغا تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سەدات ئۆنال، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇرات مەرجان، چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى باشلىقى ئابدۇللا ئەرەن ۋە نيۇيوركنىڭ باش كونسۇلى رەيھان ئۆزگۇر قاتناشتى.