ئەرودغان نيۇ يوركتا گارىباشۋىلى، ماسك ۋە ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىدىن ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى قويۇق دىپلوماتىك ئالاقىسىنى باشلىۋەتتى.





تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ نيۇيوركتىكى تۈركئۆيىدىكى كۈتۈۋېلىشلىرى گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلى بىلەن باشلاندى.
ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، باكۇ - تىبلىس - قارس تۆمۈر يولىنىڭ تېزدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنى ئۈچ مىليارد دوللاردىن بەش مىليارد دوللارغا ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، گىرۇزىيەدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەكتەپلىرىنى تاقاپ، مال - مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى، گىرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يۆنىلىشتە تاشلىغان قەدەملىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ يەنە ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئاھىسكا تۈركلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.
ئەردوغان 2022 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدا تۆت مىڭ ئاھىسكا تۈركىنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز (ئاھسىكا تۈركلىرى)نىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۈمىدى بولغان تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلاۋاتىمىز، بۇ جەرياننى تېزلىتىۋاتىمىز» دېدى.
ئەردوغاننىڭ يەنە بىر مېھمىنى ئالەم قاتنىشى شىركىتى — SpaceXنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك ئىدى؛ ئەردوغان ماسكقا تۈركىيەنىڭ پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى بۆسۈش ئىلگىرىلەشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتووموبىلى توگگنىڭ قاتناشقا باشلىشى بىلەن بىرلىكتە تېسلانىڭمۇ تۈركىيە بازىرىغا كىرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ماسكنى تېسلانىڭ يەتتىنچى زاۋۇتىنى تۈركىيەدە قۇرۇشقا چاقىردى.
ئەردوغان يەنە ماسكنى 27 - سېنتەبىردىن 1 - ئۆكتەبىرگىچە ئىزمىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالەم، ئاۋىياتسىيە ۋە پەن - تېخنىكا بايرىمى — تېكنوفېستقا تەكلىپ قىلدى.
ماسك تۈركئۆيىدىن ئايرىلغاندا، قولىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن» ناملىق كىتابى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان تۈركىيەنىڭ ب د ت دا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەكلىپىگە مۇناسىۋەتلىك كىتاب بار ئىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاندى، تۈرك – ئامېرىكان دۆلەتلىك يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ زىياپىتىدە سۆز قىلدى؛ ئەردوغاننىڭ نۇتقى نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مەركەزلەشتى.
تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىزنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىز ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشتىن تارتىپ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىغىچە بولغان نۇرغۇن دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىز ئىككى مىليارد مۇسۇلماننىڭ مۇقەددەس كىتابىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى نامىدا يوللۇقلاشتۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز» دېدى.