دىيارباكىردا تۆت تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

دىيارباكىردا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2038733
دىيارباكىردا تۆت تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، دىيارباكىرنىڭ كۇلپ ناھىيەسى دالاسىدا تۆت تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر يەرلىكايا، تېررورچىلارنىڭ ئاتاك تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمۇ ئىشلىتىلگەن بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يوقىتىلغانلىقىنى قەيت  قىلىپ: «بىز كۈرىشىمىزنى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر