تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىنىڭ باننۇ رايونىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2032123
تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىنىڭ باننۇ رايونىنىڭ جانى كېخېل ساھەسىسدە بىر ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا توققۇز ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى، بەش ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق.بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قېرىنداش دۆلەت پاكىستاننىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز. ھۇجۇم نەتىجىسىدە شېھىت  بولۇپ كەتكەنلەرگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.  شېھىتلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىلىرى، دوستانە ھەم قېرىنداش دۆلەت پاكىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر