تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بۇ قېتىم مالايشىيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى

مالايشىيانىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «بېرناما» تۈركىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى «TUSAŞ» نىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، چەت ئەلدە ئاچقان ئىشخانىلىرى ۋە خادىملار قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.

2027978
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بۇ قېتىم مالايشىيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيانىڭ «بېرناما» ئاگېنتلىقى تۈركىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى «TUSAŞ» نىڭ 2028-يىلغىچە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 10 مۇداپىئە شىركىتىنىڭ بىرىگە ئايلىنىش نىشانى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى،  مۇداپىئە ۋە ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئىقتىدارىنى ئاكتىپلىق بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

خەۋەردە، تۈركىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى «TUSAŞ» نىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسىنىڭ مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيەدە زور قىزىقىش قوزغىغانلىقى، ئىشلەپچىقارغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ پۈتۈنلەي يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىاساس قىلغانلىقى، يەرلىك لايىھە ۋە يەرلىك  ئىشلەپچىقىرىش ئىكەنلىكى ئۇقتۇۇرۇلدى.

«بېرناما» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، تۈركىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى «TUSAŞ» نىڭ باش دىرېكتورى تەمەل كوتىلنىڭ قاراشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى.

تەمەل كوتىل تۈركىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى «TUSAŞ» نىڭ يېڭى زامانىۋى مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى «KAAN» نى ئۈلگە كۆرسەتتى.

تەمەل كوتىل تۈركىيەنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كېرەكلىك تېخنىكا، ئىنژېنېرلىق، قۇرۇلۇش ئۇل-ئەسلىھەلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى «KAAN» نىڭ ئۇچۇشنى باشلىشىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر