ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھالقىلىق قارارلارنى چىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

2010571
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەردوغان: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھالقىلىق قارارلارنى چىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ناتو باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان باياناتىدا، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان ۋىلنيۇس باشلىقلار يىغىنىنىڭ، ناتونىڭ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى زورايتقاندىن باشقا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مۇساپىسى، تۈركىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىدا يېڭى باشلاشلانغۇچلار ۋە ھالقىلىق قارارلارنىڭ چىقىرىلىشىغا ۋەسىلە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىلەرنىڭ دائىرىسىىنى بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملىرىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كېڭەيتىمىز. ھەر بىر مۇنبەردە دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىنى، خەلقىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى داۋاملىق قوغدايمىز.  يېقىن كەلگۈسىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشنىڭ، تۈركىيەنىڭ رولى، ئەھمىيىتى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر