تۈركىيە بەدەخشاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ۋىلايىتىدە يۈز بېرىپ، 11 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىسى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تېلېگرامما تارقىتىپ، پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
ئەلچىخانىنىڭ ۋىلايەتنىڭ مەركىزى ناھىيەسى فەيزابادتا يۈز بېرىپ، نۇرغۇن پۇقرانىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى «قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى»نى قەيت قىلىنغان تېلېگراممىسىدا، مۇسىبەتلىك ئائىلىلەرگە تەزىيە ۋە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.
6- ئىيۇن ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن، جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغان بومبىلىق سۇيىقەست قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن تالىبان ئەمەلدارى ئۈچۈن، پەيشەنبە كۈنى فەيزابادتىكى بىر جامەدە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. دەپنە مۇراسىمى جەريانىدىمۇ بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 11 ئادەم قازا قىلغان، 30 ئادەم يارىلانغان؛ خەلقئارا جەمئىيەت ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى.