دائېشنىڭ ئاتالمىش مۇسۇل قازىسى ئىستانبۇلدا قولغا چۈشۈرۈلدى

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش مۇسۇل قازىسى جالال ئىسمائىل ئەھمەد ئەھمەد ئىستانبۇلدا قولغا چۈشۈرۈلدى.

1997945
دائېشنىڭ ئاتالمىش مۇسۇل قازىسى ئىستانبۇلدا قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تارماقلىرى ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە ئاساسەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىدىن گۇمانلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان يەتتە جىنايەت گۇماندارىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ساقچىخانىدىكى رەسمىيەتلىرى تاماملانغان گۇماندارلار سوت مەھكىمىسىگە يوللاندى.

ئىراقنىڭ ئاتالمىش ​​موسۇل قازىسى جالال ئىسمائىل ئەھمەد ئەھمەد قاتارلىق تۆت جىنايەت گۇماندارى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە يوللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر