تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ئاخباراتچىسىنى قولغا چۈشۈردى
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيە چېگراسىدىن تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش مۇنبىچ ئاخبارات ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ھېلىن ئىشېنمېنى قولغا چۈشۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك / پ ي د / ي پ گ نىڭ ئاتالمىش مۇنبىچ ئاخبارات ئەترىتىنىڭ ئەزاسى سترېك/ئامارا، ئامەد/سەنا تەخەللۇسلۇق ھېلىن ئىشېنمې تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى يەتكۈزگەن ئاخباراتقا ئاساسەن، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىگە قاراشلىق يەرلىك خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تۈركىيەگە كىرمەكچى بولغاندا قولغا چۈشكەن.
ئۇ 2016-يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ يېزا شايكىلىرىنىڭ سېپىگە قېتىلغان.
2017-يىلى 5 - جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش جىنايىتى سەۋەبلىك «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېرروچىلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر تېررورچى تۇتۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.