خاقان فىدان دىمىترو كۇلىبا بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن تېلېفونلاشتى.

1997350
خاقان فىدان دىمىترو كۇلىبا بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقىتىپ، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلىبانىڭ مىنىستىر فىدانغا تېلېفون قىلىپ، يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، ھەمدە ئۇنى دۆلىتىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى مىنىستىر تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا يەنە، ئۇكرائىنادىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر