فاھرەتتىن ئالتۇن قايتىدىن ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارغا ئاساسلانغاندا، پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇن قايتىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

1997405
فاھرەتتىن ئالتۇن قايتىدىن ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن قاراردىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا بىرلىك – باراۋەرلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئالتۇن ئۇچۇرىدا: «مېنى قايتىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. ئۇ ماڭا جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى يەنە بىر قېتىم ھاۋالە قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى. جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ كېلەچەك تەسەۋۋۇرىنى بويلاپ، تۈركىيە ئەسىرىنى روياپقا چىقىرىش نىشانىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە خىزمەت قىلىمىز، ھەقىقەت كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئاللاھ بىرلىكىمىزنى، باراۋەرلىكىمىزنى داۋاملاشتۇرسۇن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر