ئەردوغان دۆلەت باغچىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «جەمئىيىتىمىزدە مۇھىت ئاسراش ئېڭىنىڭ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىۋاتىمىز» دېدى.

1997179
ئەردوغان دۆلەت باغچىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە مۇھىت ئاسراش ھەپتىسى مۇناسىۋىتى بىلەن توققۇز  دۆلەت باغچىسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا بىۋاسىتە سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىزنىڭ نېگىزىدە تەبىئەتنى ئامانەت دەپ بىلىش تونۇشى ياتىدۇ. بىز جەمئىيىتىمىزدە مۇھىت ئاسراش ئېڭىنىڭ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. بۇ يىلقى مۇھىت ھەپتىسى بايرىمىنىڭ تېمىسىنى<پاكىز دۇنيا، پاكىز دېڭىز> دەپ بېكىتتۇق. ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن نۆل ئىسراپچىلىق بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز دۆلەت باغچىسى خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ تېزلىتىمىز. ئاتاتۈرك ئايرودرومى دۆلەت باغچىسى بىلەن بىرلىكتە 500 دۆلەت باغچىمىزنى تاماملىغىنىمىزدا، 81 ۋىلايەتنىڭ قىياپىتى ئۆزگىرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر