دىيارباقىردا ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

دىيارباقىر ۋىلايىتى لىجە ناھىيەسىنىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

1997102
دىيارباقىردا ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئېلىنغان ئاخباراتقا ئاساسەن دىيارباقىر ۋىلايىتى لىجە ناھىيەسىنىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا ئىككى تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز ئەزىز خەلقىمىزنىڭمۇ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر