تۈركىيە ئەسكەرلىرى كوسوۋۇغا تولۇق ئورۇنلىشىپ بولدى
كوسوۋۇدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن زاپاس كوماندىر – جەڭچىلەر باتالىيونى كوسوۋۇغا تولۇق يېتىپ بېرىپ بولدى.
1996513

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوسوۋۇدىكى ناتو تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قارمىقىدا زاپاس قىسىم سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىرقلارئەلىدىكى 65 - ماشىنىلاشقان پىيادە قىسىملار قوماندانلىق مەركىزىدە تۇرۇشلۇق بىر باتالىيون تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ ئاخىرقى تۈركۈمى، چورلۇدىكى ھەربىي ئايرودۇرۇمدىن قوزغىلىپ، پىرىشتىنەدىكى خەلقئارا ئادەم ياشارى ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى.
تۈركىيەنىڭ پىرىشتىنەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سابرى تۇنچ ئانگىلى خەلقئارا ئادەم ياشارى ئايرودۇرۇمىغا بېرىپ، ئەسكەرلەرنى قارشى ئالدى. ئەسكەرلەر ئايرودۇرۇمدىن سۇلتان مۇرات ھەربىي رايونىغا يۆتكەلدى.