فاھرەتتىن ئالتۇن: دۆلىتىمىز تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر- ئالاقا ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تەتۈر تەشۋىقاتقا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى كۈرىشىنى مۇرەسسە قىلماستىن قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1996240
فاھرەتتىن ئالتۇن: دۆلىتىمىز تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر- ئالاقا ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدىكى باياناتىدا، مېديا ۋە ئۇچۇر - ئالاقە دۇنياسىدا غەلىتە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۋىتتېرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «2022-يىلدىكى تەتۈر تەشۋىقاتقا ئالاقىدار كۈچەيتىلگەن ئەپ قائىدىلىرى» ناملىق كېلىشىمدىن چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

فاھرەتتىن ئالتۇن بۇنىڭغا قارىتا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تەتۈر تەشۋىقات بۈگۈن يېتىپ كەلگەن ئۆلچەم جەھەتتىن ئالدىمىزغا قويۇۋاتقان دۆلەتلىك ۋە رايون خاراكتېرلىك خەتەرلەردىن باشقا يەنە، دۆلەتلەرگە ۋە پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر تەھدىتكە ئايلانغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم بىر تۈۋرۈكى ھېچ شۈبھىسىزكى، خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە قەتئىي ئىرادىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقىدۇر» دېدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن فىرانسىيەنىڭ رەقەملىشىش ۋە تېلېفون- تېلېگراف ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ژان نوئېل بارروتنىڭ ئالدىنقى ھەپتە تۋىتتېرنى <ئەگەر ئوچۇق ۋە ئېنىق بىر شەكىلدە قائىدە - قانۇنلارغا رىئايە قىلمىغان تەقدىردە>  چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھۆرمەتلىك مىنىستىرنىڭ ئاممىۋى تەرتىپكە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنىمىز. چۈشەنمەي قىلىۋاتقىنىمىز تۈركىيەگە چېتىشلىق مەسىلە بولغاندا غەربلىك خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ ئاممىۋى تەرتىپكە بولغان سەزگۈرلۈكىمىزنى نېمە ئۈچۈن كۆرمەسكە سالىدىغانلىقلىرىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىغا ئوخشاش ھېچقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنىڭ تەتۈر تەشۋىقات مەركىزىگە ئايلىنىشىنى خالىمايمىز. ياۋروپالىق دوستلىرىمىز بىلىپ قويۇشى كېرەككى، بىز چەكلىگۈچى، ھاكىممۇتلەق ئىدىيەلەرگە قارشى كۈرەش قىلغانغا ئوخشاش، خەلقنى قۇتۇپلاشتۇرىدىغان تەتۈر تەشۋىقاتقا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك ۋەيران قىلغۇچ پائالىيەتلەرنىمۇ بىرتەرەپ قىلىشنى بىرىنچى ۋەزىپىمىز دەپ قارايمىز. بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىمىزنى غەربلىك دوسلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشتىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىمىز. شۇنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرۈپ قويۇشنى خالايمەنكى، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقەتنى قوغداش ۋە تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەش تەسەۋۋۇرى دائىرىسىدە، پۇقرالىرىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. دۇنيادا ئاڭ كۆپ تەتۈر تەشۋىقاتقا ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرىشىمىز مۇرەسسەسىز، قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر