ئەردوغان يېڭى كابىنېت ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى كابىنېت ئەزالىرى بىلەن بىرگە (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى جايلاشقان) ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

1996094
ئەردوغان يېڭى كابىنېت ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى
erdogan yeni kabine anitkabir2.jpg
erdogan yeni kabine anitkabir1.jpg
erdogan yeni kabine anitkabir.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان شىر يولىدىن مېڭىپ، ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرىسىگە يېتىپ باردى ۋە تۈركىيە بايرىقىغا سىمۋول قىلىنغان ئاي يۇلتۇزلۇق گۈل چەمبىرىكى قويغان كېيىن، سۈكۈتتە تۇردى، ئاندىن تۈركىيە دۆلەت مارشى ئوقۇلدى.

 ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ ئالاھىدە دەپتىرىگە مۇنۇلارنى يازدى:

«ھۆرمەتلىك ئاتاتۈرك! جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ 2- دەۋرىدە يېڭى كابىنېت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ھۇزۇرىڭىزدا تۇرۇپتىمىز. بۈگۈن كابىنېتىمىزنىڭ تۇنجى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە ئەسىرنى قۇرۇش نىشانى بىلەن تېز يولغا چىقماقتىمىز. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كابىنېت ئەزالىرىمىز بىلەن بىرگە 85 مىليون تۈركىيە خەلقىگە مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىمىز. بىز ئامانىتىڭىز بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 - يىللىقىغا يېتىپ كەلگەنلىكىمىزدىن ھاياجانلانماقتىمىز ۋە ھەقلىق يوسۇندا ئىپتىخارلىق ھېس قىلماقتىمىز. بۇ يىل (2023) نى ئىنشائاللاھ گۈللىنىش دەۋرىمىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرىمىز. ئاللاھ بىزنى مىللىتىمىزنىڭ ئالدىدا خىجالەت قىلمىسۇن، روھىڭىز شاد بولسۇن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر