يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ھاقان فىدانغا نۇرغۇن دۆلەتلەردىن تەبرىكنامە كەلدى

تۈركىيەنىڭ يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن ھاقان فىدانغا نۇرغۇن دۆلەتلەردىن تەبرىكنامە كەلدى.

1994964
يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ھاقان فىدانغا نۇرغۇن دۆلەتلەردىن تەبرىكنامە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، فىرانسىيە، شىۋىتسىيە ۋە ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تۇنجى بولۇپ ھاقان فىداننى تەبرىكلىدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «قېرىنداش تۈركىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ھاقان فىداننى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن، بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىدە ئۇنىڭغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن. ئىشىنىمەنكى، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ» دېدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇ ھاقان فىدانغا يېڭى ۋەزىپىسىدە ئۇتۇق تىلەپ، «بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ ئىلگىرلىشىدە قەتئىي ئىرادە بىلەن يولىمىزنى داۋام قىلىدىغانلىقىمىزغا تولۇق ئىشىنىمەن. <تۈركىيە ئەسرى> خەيىرلىك بولسۇن» دېدى.

فىرانسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىن كولوننامۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا تۈركچە تەبرىكنامە ھەمبەھىرلىدى.

شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروممۇ ھاقان فىداننى تۇنجى بولۇپ تەبرىكلىگەنلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.

بىلستروم ھاقان فىداننى تەبرىكلەپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ياخشى ھەمكارلىقىنىڭ ئورنىتلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن  كۈتۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبامۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھاقان فىدان ئۈچۈن ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدا،  «بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى ۋە ئىككى دوست دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر