تۈركىيەنىڭ يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتى ئېلان قىلىندى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چانكايا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مىىستىرلار كابىنېتى ئەزالىرىنى تونۇشتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بىر ئايال مىنىستىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتىن كوجا بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي قايتا مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەن كابىنېت تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس: جەۋدەت يىلماز
ئەدلىيە مىنىستىرى: يىلماز تۇنچ
ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت مىنىستىرى: ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش
ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى: ۋەدات ئىشىكخان
مۇھىت ئاسراش، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرى: مەھمەت ئۆزھاسەكى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ھاقان فىدان
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى: ئالپارسلان بايراقتار
ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى: ئوسمان ئاشكىن باك
خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى: مەھمەت شىمشەك
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: ئەلى يەرلىكايا
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى: مەھمەت نۇرى ئەرسوي
مائارىپ مىنىستىرى: يۈسۈپ تەكىن
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: ياشار گۈلەر
سەھىيە مىنىستىرى: فاھرەتتىن كوجا
سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى: مەھمەت فاتىھ كاجىر
يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى: ئىبراھىم يۇماكلى
سودا مىنىستىرى: ئۆمەر بولات
قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى: ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ