لىجە تاغلىق رايونىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرەشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇ دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ئاتاك ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ماسلىشىشى بلەن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە، پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېرروچىنىڭ قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ رايون خەلقىنىڭ قوللىشى بىلەن قەتئىي ۋە كەسكىن شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر سويلۇ، «قەھرىمان ژاندارمىمىزنى ۋە قوغدىغۇچىلىرىمىزنى تەبرىكلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

يېقىنقى بىر ھەپتىدە 80 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 80 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.