يەنە بەش تېررورچى تەسلىم بولدى
قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە بەش تېررورچى تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
1994394

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مىنىستىرلىقنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە بەش تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تەسلىم بولغان بۇ تېررورچىلارنىڭ 2002 - ۋە 2014-يىللىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى، سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
شۇنىڭ بىلەن، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 48 گە يەتكەن.