چاۋۇشئوغلۇ شىۋېيتسىيەنى تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىردى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ شىۋېيتسىيەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ شىۋېيتسىيەنى ئۈچ تەرەپ كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىردى.
چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىۋېيتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى توبىياس بىللسترومنىڭ نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى توغرىسىدىكى بايانلىرىغا جاۋاب بەردى.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «شىۋېيتسىيەلىك دوستلىرىمىزغا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ شۇنداق چاقىرىقتا بولىمەنكى، ئۈچ تەرەپ كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسەن مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىڭلار ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاڭلار.»
شىۋېيتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىللستروم ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: ««بۈگۈن (تۈنۈگۈن) ئوسلودا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شىۋېيتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. دەرۋەقە، بۇ شىۋېيتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيەگە بېرىلگەن ناھايىتى ئوچۇق بىر سىگنالدۇر.»