قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە، ئىككى تېررورچىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، قوراللىق ساقچى قىسىم باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك باش ئىدارىسىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە ئىككى تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلاردىن بىرىنىڭ ئائىلىسى، دىيارباكىردىكى «بالىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز ئولتۇرۇپ نامايىش ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى» گە قاتنىشىۋاتقان ئائىلىلەردىن بىرى ئىكەن.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ سانى 2023-يىلى 43 كە، «دىيارباكىر ئانىلىرى» دىن بالىلىرى بىلەن جەم بولغان ئائىلىلەرنىڭ سانى بولسا 42 گە يەتكەن.