ئەردوغان بوغالتىرلىق مەھكىمىسى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تۈركىيەنى ئۆز نىشانىغا يەتمىگۈزمەي تۇرۇپ ئارام ئالمايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجرائىيە، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ۋە ئەدلىيە ئورگىنى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشچانلىق بىلەن ھەمكارلىقنى بەرپا قىلىش تولىمۇ مۇھىم» دېدى.
1993645

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى بوغالتىرلىق مەھكىمىسى يىغىن زالىدا بوغالتىرلىق مەھكىمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 161 - يىللىقىنى خاتىرىلەش پروگراممىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
ئەردوغان: «دېموكراتىيەمىز بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيا ھەۋەس قىلىدىغان دەرىجىدە پىشىپ يېتىلىش سەۋىيەسىگە يەتتى» دېدى ۋە تۈركىيەنىڭ دۇنيا سىياسىتىدە زور ئۆتكەللەر ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا ھەر ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئېيتتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيەنى ئۆز نىشانىغا يەتكۈزمەت تۇرۇپ ئارام ئالمايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجرائىيە، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ۋە ئەدلىيە ئورگىنى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشچانلىق بىلەن ھەمكارلىقنى بەرپا قىلىش تولىمۇ مۇھىم» دېدى.