قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدا تېرورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئوق-دورىلارنى قولغا چۈشۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئوق-دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
1993639

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرىدا، «ھەمىشە ئۆز مىللىتىنىڭ بۇيرىقىدا ۋە ۋەزىپىسىنى بىجانىدىل ئادا قىلىۋاتقان مەھمەتچىك ئەسكەرلىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە قۇلۇپ> ھەرىكىتى دائىرىسىدە (خاكۇرك رايونىدا) پ ك ك تېررورچىلىرىغا تەۋە قورال ۋە ئوق-دورىلارنى قولغا چۈشۈردى. مەھمەتچىك ئەسكەرلىرىمىز يېقىندا 73 مىناميوت ئوقى ۋە <AK-47> پىيادە مىلتىقىنىمۇ قولغا چۈشۈرگەن ئىدى» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.