دىمىترىي پېسكوۋ ئەردوغان بىلەن ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پات يېقىندا ئۇچرىشدىغانلىقىنى ئېيتتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق ئوردىسى كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
پېسكوۋ بىر سوئالغا جاۋابەن، ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ «پات يېقىندا» يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پۇتىن ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ سايلامدىكى غەلبىسى ۋە تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. (تېلېفون) سۆھبىتىدە، ھەر ئىككى رەھبەر يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزئارا ئۇچرىشىش نىيىتى بارلىقىنى جەزملەشتۈردى» دېدى ھەمدە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ قاچان ۋە قەيەردە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بەلگىەلەش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
رۇسىيە باياناتچىسى: «بۇ ئۇچرىشىشنىڭ قاچان ۋە قەيەردە ئۆتكۈزۈلىشى ئىككى رەھبەرنىڭ پروگراممىلىرىغا كۆرە قارار قىلىنىشى كېرەك. ئەمما شۇنداق بىر كېلىشىمىمىز بار ۋە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئېيتالايمەن» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.