ئەردوغان: نىشانىمىز بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق بەلبېغى بەرپا قىلىش

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىشانلىرىنىڭ ياۋروپادىن قارادېڭىزغىچە، كاۋكاز رايونى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن شىمالىي ئافرىقاغىچە تۈركىيە ئەتراپىدا بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق بەلبېغى بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1993087
ئەردوغان: نىشانىمىز بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق بەلبېغى بەرپا قىلىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار بىرلىكىنىڭ 79 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئورتاق ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىپ ھەل قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خۇدايىم بۇيرۇسا، سودا دۇنياسى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي ئورگانلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانىمىزغا بىرلىكتە يېتىمىز.»

ئەردوغان بىر ئىزدا توختاپ قالغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش يولىدا قەدەم تاشلاش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنى پۇل پاخاللىقى زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىمىزگە قەتئىي سادىقمىز. ئۆز ۋاقتىدا دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن پۇل پاخاللىقى كىرىزىسىنى بىز ھەل قىلغانىدۇق، يەنە بىز ھەل قىلىمىز.  يەر شارىۋى ئىقتىسادىي داۋالغۇشلار پەسەيگەندە بۇنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىنى كۆرىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىچكى كابىنېت شەكىللەنگەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە چەت ئەل زىيارەتلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى، تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نىشانىمىز ياۋروپادىن قارادېڭىزغىچە، كاۋكاز رايونى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن شىمالىي ئافرىقاغىچە تۈركىيە ئەتراپىدا بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق بەلبېغى بەرپا قىلىشتۇر.»

ئەردوغان يېقىنقى مەزگىللەردە سىياسىي تەھدىت مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالغان ۋىزا مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر