ئەردوغان سايلامدا خەلقنىڭ، تۈركىيەنىڭ ۋە دېموكراتىيەنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىزلا غەلىبە قىلمىدۇق، بەلكى تۈركىيە غەلىبە قىلدى، بارلىق خەلقىمىز ۋە دېموكراتىيەمىز غەلىبە قىلدى» دېدى.

1992319
ئەردوغان سايلامدا خەلقنىڭ، تۈركىيەنىڭ ۋە دېموكراتىيەنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېيتتى
Erdoğan Külliye Seçim Sonrası.jpg
Erdoğan Külliye Seçim Sonrası1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككىنچى ئايلانما جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، شۇنداقلا ئەنئەنىگە ئايلانغان «بالكون نۇتۇقى» نى، بۇ قېتىم پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ بالكونىدا سۆزلىدى.

ئۇ ئاۋاز بەرگەن بارلىق پۇقرالارغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سايلامدا ۋەزىپە ئۆتىگەن خادىملارنى تەبرىكلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىزلا غەلىبە قىلمىدۇق، بەلكى تۈركىيە غەلىبە قىلدى، بارلىق خەلقىمىز ۋە دېموكراتىيەمىز غەلىبە قىلدى. ئەمدىكى مىللىي نىشانىمىز، مىللىي ئارزۇلىرىمىزنى چۆرىدەپ ئىتتىپاقلىشىدىغان ۋە بىرلىشىدىغان پەيتتۇر.»

ئالىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سايلام نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن (28-ماي) ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى ئايلانما جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا %52.14 ئاۋازغا ئېرىشىپ، قايتىدىن جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلاندى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر