ئەردوغان سايلامدىكى ئۇتۇقى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سايلام غەلىبىسى بىلەن ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بۈيۈك تۈرك زەپىرى بىلەن باشلانغان تۈرك ئەسرى» دېدى.
1992179

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بۈيۈك تۈرك زەپىرى بىلەن باشلانغان تۈرك ئەسرى» دېدى.
ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدىكى ئۇچۇرىدا يەنە مۇنداق دېدى:
«بىزنى يەنە بىر قېتىم غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن مىللىتىمىز ياشىسۇن. تۈركىيە ئەسىرى مۇبارەك بولسۇن، بۈيۈك تۈركىيە زەپىرىمىز خەيرىلىك بولسۇن».
سايلام ئالىي كومىتېتى ئېلان قىلغان ۋاقىتلىق سايلام نەتىجىسىدە، ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (28-ماي) ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا %52.14 ئاۋازغا ئېرىشىپ قايتىدىن جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.