دۇنيا رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىس سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

1992324
دۇنيا رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۇنياسى رەھبەرلىرى ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىس سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىكى بىرلىك - باراۋەرلىك تۇيغۇسى دىققەت قوزغىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەرسىن تاتار جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئەردوغاننىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئانا ۋەتەن تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن، ھۆرمەتلىك ئەردوغاننىڭ غەلىبىسى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىككى دۆلەتلىك سىياسەتمۇ تەكىتلەنگەن بولدى» دېدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، سايلامدا ئۇتۇق قازانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلىيېۋ سايلام نەتىجىسىنىڭ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ  ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ قەتئىيلىك بىلەن يولغا قويغان كەڭ دائىرىلىك سىياسىتى ۋە قىلغان بىباھا خىزمەتلىرىگە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىدى ۋە سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا تەبرىك تېلېگراممىسى تارقىتىپ: «دۆلەتلىرىمىزنى تارىخىي دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق رىشتىسى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ» دېدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپارو «قەدىرلىك قېرىندىشىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» دېگەن سۆز بىلەن باشلانغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسىدا: «تۈركىيە ئوچۇق، رىقابەتچى ۋە دېموكراتىك سايلام ئۈلگىسىنى نامايان قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

تۈركمەنىستان مىللىي كېڭىشى خەلق مەسلىھەت ئىشلىرى ئورگىنى رەئىسى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىدى ۋە خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلىدى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى كۇبانىچبېك ئۆمۇرئالىيېۋ جۇمھۇر رەئىس سايلىمىدا غەلىبە قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى؛ ئۇ خېتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا «تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى يۈز يىلىنىڭ ئۇل تاشلىرى قويۇلىدىغان» كەلگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەپ، سايلام نەتىجىسىنىڭ بارلىق تۈركىيە خەلقى ، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا يوللىغان تېلېگراممىسىدا، بۇ غەلىبىنىڭ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى سۈپىتىدە جان پىدالىق بىلەن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «غەلبىڭىز تۈركىيە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەقىل تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقىڭىزنى قوللىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىككى دۆلەت مەسىلىلىرى ۋە دۇنياۋى ئورتاق خىرىسلار ئۈستىدە داۋاملىق ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىمەن» دېدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق مەنپەئەتلەركە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونمۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تۈركچە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى. ئۇ، فىرانسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ تىنچلىقنىڭ ياۋروپاغا قايتىپ كېلىشى، ياۋرو- ئاتلانتىك ئوكيان ئىتتىپاقى ۋە ئاق دېڭىزنىڭ كەلگۈسى قاتارلىق بىرلىكتە يېڭىشى كېرەك بولغان سىناقلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز، مەن قايتا سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېينمېيېرمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ: «گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە يېقىن شېرىك ۋە ئىتتىپاقداش، ھەمدە كۈچلۈك ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىز بار. مەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. نۆۋەتتە بىز ئورتاق مەسىلىلىرىمىزنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىس سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا ئۇتۇق قازانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدومۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ: «ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، 7- ئايدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمە» دېدى.

ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلىز مىشېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ۋون دېر لېيىنمۇ ئەردوغاننىڭ قايتا جۇمھۇر رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام ئورگىنىنىڭ ۋاقىتلىق سايلام نەتىجىلىرىگە ئاساسەن قايتا سايلانغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، قاتار، شىمالىي ماكېدونىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، ئۇكرائىنا، پاكىستان، لىۋىيە، ئالجىرىيە، سېنېگال، پىل چىشى، سېربىيە، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، ۋېنگىرىيە، ۋېنېزۇئېلا، ئىران، پەلەستىن، ئالبانىيە، كوسوۋو، ئىراق، سومالى، گىرۇزىيە، لىۋان، تۇنىس، بېلارۇسىيە، سۇدان، ئىيوردانىيە، ئەرمېنىيە، ئىسرائىلىيە، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا، مولداۋىيە، گىۋىنېيە بىسساۋ، بىرازىلىيە، بېلگىيە، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئاۋسترىيە، گوللاندىيە، ئىتالىيە، مالتا، ئومان، بەھرەين، سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن، زامبىيە، ئارگېنتىنا، پاراگۋاي كۇبا، بولىۋىيە، ئېكۋادور، گىۋاتېمالا، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، كولومبىيە، مېكسىكا، پېرۇ، سالۋادور، كوستارىكا ۋە قىرغىزىستان رەھبەرلىرىمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىس سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا % 52.16 ئاۋازغا ئېرىشىپ، غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر