ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى.
1991768

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت شوئارى ئاستىدا، ھەمىشە يانمۇ يان، مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەن قېرىنداش ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەيمىز، مۇستەقىللىق ئۈچۈن شېھىت بولغان قەھرىمانلىرىمىزنى ھۆرمەت ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن ئەسلەيمىز» دېدى.
ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا يەنە، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ بايراقلىرىغىمۇ ئورۇن ئاجراتتى.