تۈركىيەنىڭ 13-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بولدى
تۈركىيەنىڭ 13-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسىلىكىگە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سايلاندى.
1992052
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، قاتنىشىش نىسبىتى %85 بولغان سايلامدا، ئاۋازلارنىڭ %85 ى سانالغان. ئاۋازلارنىڭ تارقىلىشى تۆۋەندىكىچە:
جۇمھۇر رەئىس ۋە ئاق پارتىيە (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى) رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان %52 ئاۋازغا، رەقىبى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇ %47 ئاۋازغا ئېرىشتى.