سايلامدا ئەردوغاننىڭ غەلىبە قىلىشى جەزملىشىشكە باشلىدى
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا، ئاۋاز ساناش ئىشلىرى ئاخىرلىشىشقا يېقىنلاشتى.
1992005

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، قاتنىشىش نىسبىتى %85 بولغان سايلامدا، ئاۋازلارنىڭ %85 ى سانالغان. ئاۋازلارنىڭ تارقىلىشى تۆۋەندىكىچە:
جۇمھۇر رەئىس ۋە ئاق پارتىيە (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى) رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان %53.15 ئاۋازغا، رەقىبى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇ %46.85 ئاۋازغا ئېرىشتى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە كەمال قىلىچدارئوغلۇ 14-ماي (2023) تۆت نامزاتلىق بىرىنچى ئايلانما سايلامدا سايلىنىش ئۈچۈن 1+50 ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.