تۈركىيەدە ئەتە سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيەدە ئەتە  ئىككىنچى باسقۇچلۇق جۇمھۇر رەئىس سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1991553
تۈركىيەدە ئەتە سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سىياسىي تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق جۇمھۇر رەئىس سايلىمى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا  ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلىنىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 17: 00 دە ئاخىرلىشىدۇ.

ئۇدا 5 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغان جۇمھۇر رەئىس سايلاپ چىقىلىدىغان سايلام ئۈچۈن تۈركىيە مىقياسىدىكى 973 ناھىيەلىك، 1094 رايونلۇق سيلام كومتېتلىرىدا 191 مىڭدىن ئارتۇق بېلەت تاشلاش ساندۇقى تەسىس قىلىنىدۇ.

سايلامدا ««جۇمھۇر ئىتتىپاقى» نىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن «مىللەت ئىتتىپاقى» نىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى كەمال قىلىچدارئوغلۇ رىقابەتلىشىدۇ.

سايلام تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان چەت ئەللەردىكى تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ سايلىغۇچى ئۈچۈن، 73 دۆلەتتىكى 151 ۋاكالەتخانىدىكى 167 نۇقتىدا بېلەت تاشلاش ساندۇقلىرى تەسىس قىلىندى.

چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلاردا بېلەت تاشلاش 24-ماي ئاخىرلاشتى.

ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بېلەت تاشلىيالمىغانلارنىڭ تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلىشى ئەتە چۈشتىن كېيىن 17.00 گىچە داۋاملىشىدۇ.

چەت ئەللەردە تاشلانغان بېلەتلەر ئايروپىلانلار ۋە دىپلوماتىك تېز پوچتا يوللانمىلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

 ئەتە ئىككىنچى باسقۇچلۇق جۇمھۇر رەئىس سايلىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پايتەخت ئەنقەرەدىكى چەت ئەللەردىكى بېلەت ئىشلىرىغا مەسئۇل رايونلۇق سايلام   كومىتېتى  قوغداۋاتقان بېلەتلەر باشقا بېلەتلەر بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېچىلىپ، ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر