پ ك ك تەرەپدارلىرى بېلگىيەدە تۈركىيەلىك سايلىغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلدى

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرى تۈركىيەلىك سايلىغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلدى.

1990627
پ ك ك تەرەپدارلىرى بېلگىيەدە تۈركىيەلىك سايلىغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلدى
bruksel secmene saldiri.jpg
belcika'da secmene saldiri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرى 28- ماي تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىس سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىغا بېلەت تاشلاۋاتقان بىر ياشقا تىغلىق ئەسۋاب بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، يۈزىنى يارىلاندۇردى.

يارىلانغان ياشقا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلار بىلەن ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك يۈز بەردى؛ نەق مەيدانغا نۇرغۇن ساقچى ئەۋەتىلدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر مەزكۇر ياشقا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاپ شوئار توۋلىغانلىقىنى، ۋەقە جەريانىدا بىر قىسىم ماشىنىلارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يارىلانغان ياش قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.

سايلىغۇچىلار ۋە بېلەت ساندۇقى مەسئۇللىرى بېلەت تاشلاش جەريانى مەسىلە چىقماستىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆرگەزمە رايونىدىن ئايرىلدى.

ئالدىنقى كۈنىمۇ پ ك ك تەرەپدارلىرى سايلام ساندۇقى كۆزەتكۈچىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان؛ تۆمۈر چىۋىق ۋە ئورۇندۇقلار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىككى كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر