مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سېرگېي لاۋروۋ بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن سۈرىيە تېمىلىق تۆت تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى.

1990842
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سېرگېي لاۋروۋ بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

تيېلېفون سۆھبىتىدە، 10-ماي (2023) دا رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە تېمىلىق تۆت تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى مۇزاكىرە قىلىنغان.

سۈرىيە تېمىلىق تۆت تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا، تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران ۋە سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى قاتناشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر