چەت ئەللەردە ئاۋاز تاشلاش بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ

تۈركىيەدە 28-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى ئۈچۈن چەت ئەللەردە ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى بۈگۈن (24-ماي) ئاخىرلىشىدۇ.

1990350
چەت ئەللەردە ئاۋاز تاشلاش بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى ئۈچۈن چەت ئەللەردە تىزىمغا ئېلىنغان 3 مىليون 423 مىڭ 759 سايلىغۇچىدىن 1 مىليون 763 مىڭ 973 كىشى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى ۋە تاموژنا، چېگرا ئېغىزلىرىدا ئاۋاز تاشلىدى.

ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ سايلام ۋاقىت جەدۋىلىگە قارىغاندا، چەت ئەللەردىكى تۈركىيەلىك سايلىغۇچىلار 73 دۆلەتتىكى 151 ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا، يەنى 151 نۇقتىدا سايلام ساندۇقى تەسىس قىلىنغان.

چەت ئەللەردە ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى 20-ماي (2023) باشلانغان بولۇپ، بۈگۈن (24-ماي) شۇ يەر ۋاقتى 22.00 دە ئاخىرلىشىدۇ. تاموژنىلاردا بولسا، 28-ماي سائەت 17.00 گىچە داۋاملىشىدۇ.

چەت ئەللەردە ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاۋازلار ئالىي سايلام كومىتېتى بېكىتكەن بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا، دىپلوماتىك خادىملار تەرىپىدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدۇ.

چەت ئەللەردە تاشلانغان ئاۋازلار، تۈركىيەدە 28-ماي 17.00 دە سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سايلام ساندۇقىدىكى ئاۋازلارنى ساناش باشلانغاندا سانىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر