چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا قىزىق نۇقتىلار ئۈستىدە توختالدى ۋە كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

1988990
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ كېتىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن رايوننىڭ تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، بەششار ئەسەد بىلەن ھەمكارلاشماي تۇرۇپ مۇساپىرلارنى سۈرىيەگە يولغا سېلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.كۆچمەنلەرنىڭ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت سەۋەبىدىن تۈركىيەگە كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن ئافغانىستانلىقنى دۆلىتىگە يولغا سېلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

550 ​​مىڭ سۈرىيەلىك كۆچمەننىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇ ساننىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ كۆچمەننىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ئۇلارنى بىخەتەر رايونلارغىلا ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەت كونتروللۇقىدىكى جايلارغىمۇ ئەۋەتىشىمىز كېرەك. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلارنى ئۆزلىرى كەلگەن شەھەرلەرگە ئەۋەتىشىمىز كېرەك. بىز ھاكىمىيەت (سۈرىيە) بىلەن كېلىشىپ، بۇنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىنى تەييارلاشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

«ئۇلار قايتىدۇ، بىزنىڭ ئىرادىمىز قەتئىي، ئۇلارنى قايتۇرىمىز، ئەمما بىز بۇ ئىشنى ئىنسانلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇلدا قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئۇلارنىڭ قايتىشى ئۈچۈن ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەييارلىنىشى، ھاياتلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ بۇ مۇساپىگە تەرەپ بولۇشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مانا مۇشۇ خىل بىر يول خەرىتىسى ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر رېئاللىقنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەگەر بىز (سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ) ھەممىسىنى %100 يولغا سېلىۋېتىمىز دېسەك، بۇ توغرا بولمايدۇ. تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە دېھقانچىلىق، سانائەت ساھەلىرى بىلەن بەزى كەسپلەردە خىزمەتچىلەرگە ئېھتىياجى بارلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر