نيۇ يورك شەھىرىدىكى ۋال ستىرېت كوچىسىدا تۈركىيە بايرىقى جۇلالىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى دۇنياغا داڭلىق پۇل-مۇئامىلە مەركىزى ۋال سىترېت كوچىسىغا تۈركىيە بايرىقى ئېسىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە - ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 23-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى دۇنياغا داڭلىق پۇل-مۇئامىلە مەركىزى ۋال سىترېت كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
دۇنياغا داڭلىق مىس كالا ھەيكىلى جايلاشقان بوۋلىڭ يېشىل باغچىسىدا تۈركىيە بايرىقى تەنتەنىلىك ھالدا چىقىرىلدى.
40 – نۆۋەتلىك تۈركلەر كۈنى يۈرۈش پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سەدات ئۆنال ۋە تۈركىيەنىڭ نيۇ يورك باش كونسۇلى رەيھان ئۆزگۈرمۇ قاتناشتى.
تۈركىيەنىڭ نيۇ يورك باش كونسۇلى رەيھان ئۆزگۈر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «2023-يىلى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىمىز. شۇنداقلا 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەۋاتىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شانلىق بايرىقىمىزنى پۇقرالىرىمىز ۋە چەت ئەللىك دوستلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە نيۇ يورك شەھىرىنىڭ دۇنياغا داڭلىق پۇل مۇئامىلە مەركىزى ۋال سىترېت كوچىسىغا ئاستۇق. بۇ ئىنتايىن ھاياجانلىق ۋە تەنتەنىلىك بىر پائالىيەت بولدى.»
رەيھان ئۆزگۈر مۇراسىم جەريانىدىكى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك كەيپىياتىنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئېرقىشكەن نوپۇزىنى نامايان قىلىشى جەھەتتىن» ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە بايرىقىنىڭ ئامېرىكا بايرىقى بىلەن بىللە چىقىرىلىشىدىن كېيىن قويۇلغان ئۇسسۇل نومۇرلىرى تۈركىيەلىك ۋە ئامېرىكالىق تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىق ئالقىشىغا ئېرىشتى.