چەت ئەلدە بېلەت تاشلاش باشلاندى

5-ئاينىڭ 28-كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق جۇمھۇر رەئىس سايلىمى ئۈچۈن چەت ئەلدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى بېلەت تاشلاشقا باشلىدى.

1988557
چەت ئەلدە بېلەت تاشلاش باشلاندى
turkmenistan Turkiye secim.jpg
azerbaycan Turkiye secim.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ دائىرىدە، چەت ئەلدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى  73 دۆلەتتىكى 156 دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلىيالايدۇ.

 چەت ئەلدە تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئۈچۈن جەمئىي 3461 بېلەت تاشلاش ساندۇقى تەسىس قىلىندى.

چەت ئەللەردە بېلەت تاشلاش 24-ماي كۈنى تاماملىنىدۇ.

تاموژنا ئېغىزلىرىدا بولسا بېلەت تاشلاش 5-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 17.00 گىچە داۋاملىشىدۇ.

2005-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلار، يەنى بىرىنچى باسقۇچلۇق سايلامدىن كېيىن 18 ياشقا كىرگەنلەر ئىككىنچى باسقۇچتا بېلەت تاشلىيالايدۇ.

ياپونىيەدە پايتەخت توكيو ۋە ناگويا شەھىرىدە، ئەزەربەيجاندا تۈركىيەنىڭ باكۇ ئەلچىخانىسى، نەخچىۋان  ۋە گەنجە باش كونسۇلخانىلىرىدا، لىتۋانىيەدە پايتەخت ۋىلنيۇستا، قىرغىزىستاندا تۈركىيەنىڭ بىشكەك ئەلچىخانىسىدا، قازاقىستاندا تۈركىيەنىڭ ئاستانا ئەلچىخانىسى، ئالمۇتا ۋە ئاقتاۋ باش كونسۇلخانلىرىدا، تۈركمەنىستاندا تۈركىيەنىڭ ئاشخابات ئەلچىخانىسىدا تەسىس قىلىنغان بېلەت تاشلاش ساندۇقلىرىدا بۈگۈن ئاۋاز بېرىش باشلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، بېلەت تاشلاش ياپونىيە، لىتۋانىيە ۋە قىرغىزىستاندا 21-ماي كۈنى كەچكىچە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستاندا بولسا 22-ماي كۈنى كەچكىچە داۋاملىشىدىكەن.

گېرمانىيەدىمۇ تۈركىيە پۇقرالىرى بېلەت تاشلاشقا باشلىدى.

تۈركىيە پۇقرالىرى گېرمانىيەنىڭ ئاچېن ۋە رېگېنسبۇرگ شەھەرلىرىدە 21 – ماي كۈنىگىچە شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 گىچە بولغان ئارىلىقتا بېلەت تاشلىيالايدۇ. باشقا جايلاردا بولسا 24 – ماي كۈنىگىچە شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 10 غىچە بولغان ئارىلىقتا ئاۋاز بېرەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر