تۈركىيە: قىرىم تاتارلىرىغا داۋاملىق  يار - يۆلەك بولۇۋاتىمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا داۋاملىق  يار - يۆلەك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1988113
تۈركىيە: قىرىم تاتارلىرىغا داۋاملىق  يار - يۆلەك بولۇۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم  ۋە زوراۋانلىقلارغا خاتىمە بېرىلىشى، ئۆز ئانا ۋەتىنىدە كىملىكلىرىنى (مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى) ساقلاپ قالغان ئاساستا بىخەتەر ھالدا ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ھازىرمۇ ئىزچىل  يار - يۆلەك بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ قىرىم تاتارلىرى ۋە چەركەزلەرنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىنىڭ خاتىرە كۈنلىرى توغرىسىدىكى سوئالغا يازما جاۋاب بەردى.

بىلگىچ قىرىمدىكى يەرلىك خەلق بولغان قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 79 يىل ئىلگىرى ئۆز ۋەتىنىدىن زورلاپ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شەرت – شارائىتلار ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈرگۈن جەريانىدا ياكى سۈرگۈن قىلىنغان جايلاردا ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ قېرىنداشلىرىمىز زوراۋانلىقتىن خالىي ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھارماي – تالماي ئىزدەنگەن – كۈرەش قىلغان بولۇشىغا قارىماي،  تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇلار 1944-يىلقى سۈرگۈندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىل مابەينىدە ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان قىرىم يېرىم ئارىلىغا قايتالمىدى.»

«قىرىم تاتار تۈركلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم  ۋە زوراۋانلىقلارغا خاتىمە بېرىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە كىملىكلىرىنى (مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى) ساقلاپ قالغان ئاساستا بىخەتەر ھالدا ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيە قىرىم تاتارلىرىغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ھازىرمۇ ئىزچىل  يار - يۆلەك بولۇۋاتتىدۇ.»

بىلگىچ كاۋكاز خەلقلىرىدىن بولغان چەركەزلەرنىڭ بۇنىڭدىن 159 يىل ئىلگىرى  21 – ماي كۈنى ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن  قىلىنغانلىقىنى، ئېغىر شەرت – شارائىت ئاستىدا ياشاشقا زورلانغان چەركەزلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇ جەرياندا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە چەركەزلەر ھەر يىلى خاتىرىلەيدىغان 21 – ماي كۈنىنىڭ چەركەزلەرگە نىسبەتەن تولىمۇ ئازاب – ئوقۇبەتلىك بىر كۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قانداش قىرىم تاتار تۈركلىرى ۋە قېرىنداش كاۋكاز خەلقلىرىنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى ئورتاقلىشىمىز، ئورتاق خاتىرىلىرىمىزدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەس ئەسلىمىلىرى ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر