«چاقىر» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقتىن ئۆتتى

«چاقىر» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا نىشانغا دەل زەربە بەردى.

1985708
«چاقىر» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقتىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىر دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قېتىم قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «<ئاقىنجى> ناملىق زەربىدار قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئېتىلغان، يەرلىك – مىللىي موتورلۇق <چاقىر> ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا نىشانغا دەل تەگدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەت دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانىغا سوۋغىسى بولسۇن. بۇ مۇۋەپپەقىيىتىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر