مۇھەررەم ئىنجە جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىقىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەملىكەت پارتىيەسى رەئىسى مۇھەررەم ئىنجە جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىقىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
1985332

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 14 – ماي يەكشەنبە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى بىلەن 28 - نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمىغا بىر نەچچە كۈن قالغاندا، جۇمھۇر رەئىس نامزاتى، مەملىكەت پارتىيەسى رەئىسى مۇھەررەم ئىنجە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نامزاتلىقتىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى.
مەملىكەت پارتىيەسى رەئىسى ئىنجە نامزاتلىقتىن چېكىنگەن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا، جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مىللەت ئىتتىپاقىنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ۋە ئاتا ئىتتىپاقىنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى سىنان ئوگان ئۆزئارا رىقابەتلىشىدۇ.