چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1983299
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ۋاشىنگىتوندا داۋاملىشىۋاتقان ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.