ئاقار: سۈرىيە ۋە ئىراقتا 13 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۈچ كۈن ئىچىدە 13 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

1983180
ئاقار: سۈرىيە ۋە ئىراقتا 13 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار قەيسەرىدە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا شۇنى قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر ئاقار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى  يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەنلىكىنى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قۇرۇلماقچى بولغان تېررورلۇق كارىدورى پىلانىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ۋە تېررورچىلارنى ئۆزلىرى كولىغان خەندەكلەرگە كۆمگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئاقار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تېررورىزم ئاخىرلاشقىنى يوق. شۇڭا، بىخۇدلۇق قىلىشقا، غەلبىدىن مەغرۇرلىنىپ كېتىشكە ياكى ماختىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ. تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا. تۈنۈگۈن كېچە (4-ماي) ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا يەنە بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۈچ كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان  تېررورچىلارنىڭ سانى 13 كە يەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر