تاموژنا ئېغىزلىرى ۋە تۈركىيە سىرتىدا بېلەت تاشلىغانلار سانى 1 مىليوندىن ئاشتى
چەت دۆلەتلەردىكى سايلىغۇچىلار تىزىملىكىگە ئىسمى كىرگۈزۈلگەن 1 مىليون 7165 كىشى 14 – مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 28 – نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمى دائىرىسىدە بېلەت تاشلىدى.
1982439
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاموژنا ئېغىزلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلاردا 27 – ئاپرېل باشلانغان بېلەت تاشلاش ئىشلىرى بىر ھەپتىنى ئارقىدا قالدۇردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام كومىتېتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلار بىلەن تاموژنا ئېغىزلىرىدا 1 مىليون 7165 سايلىغۇچى بېلەت تاشلىغان.