شەنتوپ سېربىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ سېربىيەنىڭ بېلگراد شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

1982438
شەنتوپ سېربىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگراد شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ نىشان قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سېربىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەئىسى ۋلادىمىر ئورلىكقا تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دوست دۆلەت سېربىيە خەلقىنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى چىن دىلىمدىن ئورتاقلىشىمەن. قوراللىق ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا، بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرگە تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر