تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى تەرەققىياتلىرى گىرېتسىيەدە يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە

گىرېتسىيە گېزىتلىرى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىستىقبالىنىڭ كەلگۈسى ئەسىرىنى تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسى» دا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تونۇشتۇرغان ھەربىي ئايروپىلانلارغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

1981708
تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى تەرەققىياتلىرى گىرېتسىيەدە يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدە چىقىدىغان «ئىسكرا گېزىتى»، تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، «گىرېتسىيە ئۇرۇش سانائىتى ساھەسىدە كۆرۈنمەيۋاتقان بىر مەزگىلدە، تۈركىيە 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانىنى تونۇشتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

گېزىت تۈركىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى «Kaan» ھەققىدە توختىلىپ، بۇ كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىلرىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوق-دورا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ۋە پۈتۈنلەي يەرلىك ئۇل- ئەسلىھەلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«Eidiseis» گېزىتى بولسا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «<Kaan> ۋە <Hürjet> قارشىسىدىكىلەرنى پاراكەندە قىلىدۇ» دېگەن سۆزىنى باش بەتتە ئېلان قىلدى ۋە تونۇشتۇرۇلغان تۈركىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.  

«ئارمىيە ئاۋازى تور بېتى» بولسا، «ئەردوغان 5-ئەۋلاد تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى <Kaan> نى ئۇچۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

تور بەتتە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر